send link to app

Türkchem app for iPhone and iPad


4.2 ( 1632 ratings )
Travel Reference
Developer: Memet Eliniyaz
1.99 USD
Current version: 1.0.2, last update: 6 years ago
First release : 19 Apr 2015
App size: 9.71 Mb

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر

دۆلىتىمىز بىلەن دىيارىمىزنىڭ سودا ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەگە خىزمەت، ساياھەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا، شۇنداقلا تۈركچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئاچماقتا. مەزكۇر ئەپ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ياكى ئۆگىنىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ۋە ياكى تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىپ ئاددى شەكىلدە تۈركچە ئ‍ۆگىنىشى زۆرۈر بولغانلارغا ياخشى قورال بولغۇسى.

مەزكۇر ئەپ ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
1. تۈركىيە خىزمەت، ئوقۇش ۋە ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەر
2. تۈركچە ئېلىپبە
3. تۈركىيەدىكى 20 ياخشى ئۇنىۋېرسىتىتلار تىزىملىكى
4. تۈركچە - ئىنگىلىزچە لۇغەت
5. جەمئىي 14 ساھەدە كۆپ قوللىنىلىدىغان جۈملىلەر
6. جەمئىي 16 ساھەدە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلۈكلەر

ئەپ بىزنىڭ تۇنجى ئەمگىكىمىز بولغاچقا تۈرلۈك خاتالىقلاردىن خالىي بولالماسلىقىمىز ئېنىق. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بايقىغان خاتالىق - سەھۋەنلىكلىرىنى بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق يوللاپ بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمىز.